فەيسبۇك ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ساداسىنى قىسماقتا

ئىجتىمائىي ئالاقە تورى فەيسبۇك «Facebook» نىڭ يېقىندىن بۇيان پەلەستىنلىك ژۇرنالىست ۋە پائالىيەتچىلەرگە تەۋە نەچچە ئونلىغان ھېسابنى تاقىغانلىقى نارازىلىق ياراتتى.

1412086
فەيسبۇك ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ساداسىنى قىسماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەيسبۇكنىڭ ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىگە ئاساسەن غەربىي قىرغاق ۋە غەززە رايونىدا تۇرۇشلۇق پەلەستىنلىكلەر ئاچقان بەزى ھېسابلارنى  ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەستىن توسۇپ قويغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

پەلەستىنلىك ژۇرنالىستلار ۋە پائالىيەتچىلەرگە تەۋە نۇرغۇنلىغان ھېسابلارنى تاقىغان فەيسبۇك يەنە، پەلەستىننى قوللايدىغان يازمىلارنىمۇ توسۇپ قويماقتا.

ئىسرائىلىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 2016 - يىلى فەيسبۇك بىلەن كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ،  2017 – يىلى  فەيسبۇكقا يوللىغان ئەرزلىرىنىڭ %85 كە يېقىنىنىڭ ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى ئورگىنى «IMPACT» بۇلتۇر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئىسرائىلىيەنى فەيسبۇك  بىلەن بولغان ئۆزئارا يېقىن مۇناسىۋەتنى سۇيىئېستىمال قىلىپ، پەلەستىنلىكلەرگە ئىنتېرنېتتە ئۇرۇش ئېچىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر