ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەلەبتىكى ھەربىي ئورۇنلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيە زېمىنلىرىغا كىرىپ، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى ھەلەب ۋىلايىتىدىكى بەزى ھەربىي ئورۇنلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ھاكىمىيىتى خەۋەر ئاگېنتلىقى – سانا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ يېرىم كېچىدە ھەلەبنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سىفىرە ناھىيەسىدىكى ھەربىي ئىشلار تەتقىقات مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەۋەردە، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سىفىرە ناھىيەسىدىكى بەزى ھەربىي ئورۇنلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى، ھۇجۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
ھاكىمىيەتنىڭ زاۋۇتلىرى جايلاشقان سىفىرەدە، ئەسەد كۈچلىرىدىن باشقا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.
ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ھۇجۇم توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.