نىگېرىيە تېررورلۇق تەشىكلاتلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

نىگېرىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 134 تەشكىلات ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1410918
نىگېرىيە تېررورلۇق تەشىكلاتلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون ئېنېنچې بايانات بېرىپ، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدا بوكوھارام ۋە ISWAP تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتچى ئېنېنچى، «كانتانا جىملان زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، 134 نەپەر تەشكىلات ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى. ئۆلگەنلەرنىڭ 78 ى ISWAP تەشكىلاتى ئەزاسى، 56 سى بوكوھارام تەشكىلاتى ئەزاسى» دېدى.

ئىككى تەشكىلاتنىڭ نىگېرىيە زېمىنلىرىدىكى تەسىرىگە خاتىمە بېرىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئېنېنچى، «تەشكىلات بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن ۋە ئۇلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن 16 كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ 1 – مايدا باشلانغانلىقىنى، ھەرىكەت جەريانىدا مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ نۇرغۇن ئوق – دورىسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر