پاكىستاندا يۇقۇملانغانلار 20 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 248 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 554 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 150 مىڭدىن ئاشتى.

1410185
پاكىستاندا يۇقۇملانغانلار 20 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 24 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، بۇ سان 457 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانىدا 24 سائەتتە 301 كىشى ئېشىپ 20 مىڭ 71 گە چىقتى.

جەنۇبىي كورېيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 252 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىڭ 801 گە چىقتى.

تايلاندتا ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 54 كە، يۇقۇملانغانلار 2 مىڭ 987 گە چىقتى.

ۋابا سەۋەبىدىن توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىيوردانىيەدە تۈنۈگۈن (2020-يىلى 3-ماي) سالامەتلىك تەكشۈرۈلمىدى. بىراق، 461 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. شۇنداق بولسىمۇ، ھۆكۈمەت دۆلەتتىكى بارلىق ساھەلەرنىڭ چارشەنبە (6-ماي) دىن باشلاپ قايتىدىن ئېچىلىشىنى قارار قىلدى.

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىككى ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىملىق سىرتقا چىقماسلىق بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭغا بويسۇنمىغانلارغا جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 41 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە 592 كىشى يۇقۇملانغان سۇداندا، قاتناش ۋە ئۇل-ئەسلىھە ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ھاشىم ئىبنى ئاۋفنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ۋە بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۆيىدە ئۆزىنى كارانتىن قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر