ۋىرۇسقا ئالاقىدار بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىگە تەۋە يېڭى تولۇقلىما مەلۇماتلار...

دۇنيا مىقياسىدا يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19)  سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 243 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، 3 مىليون 467 مىڭ كىشى يۇقۇملاندى، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 113 مىليونغا يەتتى.

1409669
ۋىرۇسقا ئالاقىدار بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىگە تەۋە يېڭى تولۇقلىما مەلۇماتلار...

ئىتالىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى كۈنى 474 كىشى ئېشىپ 28 مىڭ 710 گە يەتتى.

فرانسىيەدە ، كوۋىد -19 سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 166 ئېشىپ، 24 مىڭ 760 غا يەتتى.

ئەنگىلىيەدە ، كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 621 كىشى ئېشىپ، 28 مىڭ 131 گە يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 4 مىڭ 806 كىشى ئېشىپ، 182 مىڭ 260 گە يەتتى. يۇقۇم مەزگىلىدە ئائىلە ئىچى زوراۋانلىققا قارشى مەخسۇس فوند ئاجرىتىلدى ۋە مەخسۇس ئالاھىدە تېلېفون لىنىيىسى قۇرۇلدى.

جەنۇبى ئامېرىكا دۆلىتى بىرازىلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 421 كىشى قازا قىلدى. شۇنداق قىلىپ ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 6 مىڭ 750 گە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 4 مىڭ 970 كىشى ئېشىپ، 96 مىڭ 559 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر