گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى قايتۇرۇۋەتكەن كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى
ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسىدە گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 14 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1409391
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما ياياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، چەشمە بوغاز ئارىلىدا گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن، 3 ى بالا ، 10 سومالىلىق، 4 سۈرىيە پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي 14 تەرتىپسىز كۆچمەن، 3 كېمە ۋە 1 سۇغا سەكرەش بىخەتەرلىك ئەترىتى ۋە ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئاندىن ئۇلار رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.