رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى

رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل مىشۇستىن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (كوۋىد-19) تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1408899
رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىخايىل مىشۇستىن پايتەخت موسكۋادا پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق كونفېرانستا، ئۆزىنىڭ كوۋىد -19 دىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىشۇستىن دائىرىلەرنىڭ تەۋسىيەسىگە بىنائەن ئۆزىنى كارانتىناغا ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، داۋالاش جەريانىدا ۋەزىپىسىگە ۋاكالەتچى بولۇشى ئۈچۈن بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئاندرېي بېلوسوۋنىڭ تەيىنلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەۋسىيە سۇندى.

پۇتىن بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، باش مىنىستىر مىشۇستىنغا شىپالىق  تېلىدى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #رۇسىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر