يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر تولۇقلىما ئۇچۇرلار...

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) دىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلارنىڭ سانى 218 مىڭ 180 دىن ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 3 مىليون 147 مىڭ 600 دىن ھالقىپ كەتتى. سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى بولسا، 962 مىڭغا يەتتى.

1407766
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر تولۇقلىما ئۇچۇرلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمدا مەركىزىي نۇقتىدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكادا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 59 مىڭ 200 دىن ئاشتى. كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ۋېيېتنام ئۇرۇشىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بولسا، بىر مىليوندىن ئاشتى. پىرېزىدېنت دونالد ترامپ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆرىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئارىلىقتا «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ئامېرىكىدا كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ رەسمىي ساندىن كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گېزىتتە تەكشۈرۈشلەرنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن يۇقۇملانغانلىقى ئېىنىقلانمىغان 9000 ئەتراپىدا كىشى ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. يەنە بىر تەرەپتە شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ رالېيگ شەھىرىدە يۇقۇمغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئىتالىيەدە كوۋىد -19 دىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 382 كىشى ئېشىپ، 27 مىڭ 359 غا يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 608 كىشى ئازىيىپ، 105 مىڭ 205 كە يەتتى. ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى بولسا، 2 مىڭ 317 كىشى كۆپىيىپ، 68 مىڭ 941 گە يەتتى.

ئىسپانىيەدە، كوۋىد -19 دىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 325 كىشى ئېشىپ، 24 مىڭ 147 گە ۋە  يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 212 مىڭ 917 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 367 كىشى ئېشىپ، 23.660 گە ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 520 كىشى ئېشىپ 197 مىڭ 589 غا يەتتى. فىرانسىيەدە يۇقۇمغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان بولدى. باش مىنىستىر ئېدوۋارد فىلىپ 11 – مايدىن ئېتىبارەن يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تەلەپكە  ئاساسەن ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  ئىمكانقەدەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ 11 – مايدىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆيىدە ئۆلتۈرۈپ ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى ھەمدە قەھۋەخانا ۋە ئاشخانىلاردىن باشقا يەنە كارخانا ۋە ماگزىنلارنىڭمۇ قايتا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 586 كىشى ئېشىپ، 21 مىڭ 678 گە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  3996 كىشى ئېشىپ، 161 مىڭ 145 كە يەتتى. ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان كۈندىلىك سانلىق مەلۇماتلار پەقەت دوختۇرخانىدا قازا قىلغانلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياشانغانلار ساناتورىيەسى ۋە ياشانغانلارنى ئاسراش مەركەزلىرىدە يېقىنقى 37 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئۆلۈم نىسبىتى كۆرۈلدى. بىراق بۇلاردىن زادى قانچىلىك كىشىنىڭ كوۋىد -19 سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئومۇمىي قىممىتى 82 مىليارد فوندستېرلىڭ كېلىدىغان 373 مىڭ تۇرالغۇنىڭ سېتىلىش رەسمىيىتى ۋۇخەن ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن توڭلىتىلدى.

بېلگىيەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى  7501 گە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 47 مىڭ 859 غا يەتتى. قازا قىلغانلارنىڭ %46 ى دوختۇرخانىلاردا ،%53 ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە رۇيخەتكە ئېلىندى.

بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 474 كىشى ئېشىپ،  5 مىڭ 17 گە يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بولسا،  5385 كىشى ئېشىپ، 71 مىڭ 886 گە يەتتى.

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادوردا، كوۋىد -19 سەۋەبىدىن يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 208 ئادەم قازا قىلىپ، جەمئىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى  871 گە ۋە يۇقۇملانغۇچۇلارنىڭ سانى  1018 كىشى ئېشىپ، 24 مىڭ 258 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر