مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى3  باسقۇچلۇق تەكلىپ سۇندى

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق زېمىنىنى قوشۇۋېلىش پىلانىغا قارشى پەلەستىنگە، ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سەۋىيەسىدە يولغا قويۇلىدىغان 3 باسقۇچلۇق تەكلىپ سۇندى.

1407484
مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى3  باسقۇچلۇق تەكلىپ سۇندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي باياناتچىسى تالات فەھمى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ياكى ئۇنىڭ بىر قىسمىنى قوشۇۋېلىش پىلانىنىڭ ئامېرىكا ياردىمى بىلەن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا قىلىنغان ھۇجۇم ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

فەھمى بۇ پىلانغا قارشى «پەلەستىننىڭ ئۆزئارا يارىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەبتلىرىنى ئۈزۈشى ئۈچۈن جىددىي قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى، ب د ت نىڭ ئىشغال قىلىنغان تېررىتورىيەلەرنىڭ  ئەسلىدىكى قانۇنلۇق سالاھىيىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى جىنايى قىلمىش ھېسابلايدىغان خەلقئارا قانۇنلۇقلىقنى قوللاش» قاتارلىق 3 باسقۇچلۇق تەكلىپ سۇندى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ 2 - مارت ئىسرائىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامدىن ئىلگىرى غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونىلىرى بىلەن ئىيوندان ۋادىسىنى تەۋەلىكىگە قوشۇۋالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە مەسئۇللىرىنىڭ بىرلەشمە كومىتېتى ئاتالمىش ​​تىنچلىق پىلانىدىن كېيىن، مەزكۇر رايونلارنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى خەرىتەلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىنى باشلىغان ئىدى.

ئەرەب بىرلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ قوشۇۋېلىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە سىن يىغىنى چاقىرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر