گۇتېررېس: ۋىرۇستىن تېخىمۇ ياخشى دۇنيا يارىتىش ئۈچۈن پايدىلىنىش كېرەك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) دىن تېخىمۇ ياخشى بىر دۇنيا يارىتىش ئۈچۈن پايدىلىنىش لازىملىقىنى ئېيتتى.

1407462
گۇتېررېس: ۋىرۇستىن تېخىمۇ ياخشى دۇنيا يارىتىش ئۈچۈن پايدىلىنىش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئالاقىدار بىر خەلقئارالىق يىغىنغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر يوللاپ، كوۋىد – 19 ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ دۇنياغا نىسبەتەن بىر – بىرىگە پاراللېل ئىككى تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ھەم يۇقۇم، ھەم كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «جاسارەتلىك ۋە يىراقنى كۆرەر ھەمكارلىق ئورنىتىشلار»غا ئېھتىياج چۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشتىكى كېچىكىپ قالغان ھەر بىر قەدەمنىڭ، يوقىتىلغان ئىنسانلار، ۋەيران بولغان خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە زىيانغا ئۇچرىغان ئىقتىسادلار دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «پارنىك گازىمۇ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسقا ئوخشاش چېگرا تونۇمايدۇ... قاراڭغۇ بولسىمۇ، ھېلىھەم ئۈمىد بار كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. دۇنيامىزنى تېخىمۇ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نادىر شۇنداقلا قىسقا پۇرسەت پەنجىرىسى ئېچىلدى. بۇ يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتىن ھەممىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر، ساغلام، سىغدۇرۇشچان ۋە تېخىمۇ تاقابىل كۈچى يۇقىرى بىر دۇنيا شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىنايلى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر