ئابدۇلفەتتاھ سىسى 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى
مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى بۈگۈن كەچتىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.
1407016
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارارنامىغا ئاساسەن، 28 - ئاپرېل سائەت 01:00 دىن باشلاپ، دۆلەتتە 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان كۈۆە ئىگە.
قارارنامىغا ئاساسەن، قوراللىق قىسىملار ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى تېرورلۇق تەھدىتىگە قارشى كۈرەش، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىۋى ۋە شەخسىي مال-مۈلۈكلەرنى قوغداش ۋە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويىدۇ.
باش مىنىستىرلىقنىڭ 162 - نومۇرلۇق جىددىي ھالەت قانۇن بويىچە پرېزىدېنتقا بېرىلگەن تولۇق ھوقۇقلار تەكىتلەندى.
پرېزىدېنتنىڭ قارارىغا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
دۆلەتنىڭ سەھىيە ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە خەۋپلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكى بۇ قارارنامىنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە كۆرسىتىلدى.