ترامپ: پىرېزىدېنت بولمىغان بولسام شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولاتتۇق

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن خەۋىرىنىڭ بارلىقىنى، بىراق ھازىرچە بۇنى دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1406888
ترامپ: پىرېزىدېنت بولمىغان بولسام شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولاتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇلاردىن خەۋىرىم بار، ئەمما ھازىرچە سىلەرگە دېيەلمەيمەن. ئۇنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كىم جوڭئۇن شەنبە (2020-يىلى 25-ئاپرېل) كۈنى بايانات ئېلان قىلمىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنى قىلالمىدى. بەك ئۇزۇن بولمىغان كېلەچەكتە كىم جوڭئۇندىن خەۋەر ئالالايمىز. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولمىغان بولسام، ھازىر شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولاتتۇق» دېدى.

يېقىنقى ھەپتىلەردە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ياكى ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا گەپ-سۆزلەر تارقالغان ئىدى.

كىم جوڭئۇننىڭ سالامەتلىكى توغرىسىدا بەزى تەۋسىيەلەرنى قىلىش ئچۈۈن بىر گۇرۇپپا خىتاي دوختۇرلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە كىم جوڭئۇننىڭ 12-ئاپرېل ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى، سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىنىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدىمۇ خەۋەرلەر چىققان ئىدى.

خوڭكوڭ سۇنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى كىم جوڭئۇننىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، بىراق بۇ ھېچقانداق مەسئۇل كىشىلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن ئىدى.

كىم جوڭئۇننىڭ 15-ئاپرېلدا شىمالىي كورېيەنىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى ۋە چوڭ دادىسى كىم ئىرسىننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقى، سالامەتلىكى توغرىسىدا سۆز-چۆچەكلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر