دائېش كەركۈك شەھىرىدىكى ئىستىخبارات ئىدارىسى بىناسىغا ئادەم بومبا ھۇجۇمى قىلدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى بىر ئادەم بومبىنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىسى بىناسى ئالدىدا بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلىتىشى سەۋەبىدىن  4 بىخەتەرلىك خادىمى يارىلاندى.

1407004
دائېش كەركۈك شەھىرىدىكى ئىستىخبارات ئىدارىسى بىناسىغا ئادەم بومبا ھۇجۇمى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى كامال بىر ئادەم بومبىنىڭ كەركۈك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا بېرىپ،  ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلى كامال ھۇجۇمدا 4 بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى  ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەلى كامال ھۇجۇمدىن كېيىنلا بىنانىڭ بىخەتەرلىك چەمبىرىكى ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ قىلىش ئېھتىمالىغا قارشى جىددىي تەدبىرلەر يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش 2014 - يىلى 6 - ئايدا موسۇل، سالاھاددىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەممىنى شۇنداقلا دىيالا ۋە كەركۈك قاتارلىق  شەھەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئالقىنىغا كىرگۈزىۋالغان بولۇپ،  بۇ رايونلار بىر قانچە يىل ئىچىدە دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئىدى.

ئىراقنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ھەيدار ئەل ئىبادى 2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى دائېشنى تولۇق مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

گەرچە دائېش رايوندىن قوغلاپ چىقرىلىپ، شەھەرلەر قايتۇرۇۋېلىنغىنىغا 3 يىل بولغان بولسىمۇ،  دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىنى بولۇپمۇ كەركۈك، دىيالا، موسۇل، سالاھاددىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىگە قاراشلىق يېزىلاردا داۋاملاشتۇرۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر