جەنۇبىي كورېيە كىم جوڭئۇننىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر تارقىلىۋاتقان شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ «ھايات ۋە سالامەتلىكىنىڭ ياخشى» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جيائىننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى مۇن چۇڭئىن س ن ن (CNN) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن توغرىسىدا تارقىلىۋاتقان ئۆلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرگە قارىتا: «ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مەيدانى مۇقىم. كىم جوڭئۇن ھايات ۋە سالامەتلىكى ياخشى. 13-ئاپرېلدىن بۇيان ۋوسان رايونىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىرغىچە ھېچقانداق گۇمانلىق ھەرىكەت بايقالمىدى» دېدى.
يېقىنقى ھەپتىلەردە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ۋە ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا گەپ-سۆزلەر تارقالغان ئىدى.
كىم جوڭئۇننىڭ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن بىر گۇرۇپپا خىتاي دوختۇرلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە يېتىپ بارغانلىقى؛ 12-ئاپرېل كىم جوڭئۇننىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.
خوڭكوڭ سۇنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى كىم جوڭئۇننىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، بىراق بۇ ھېچقانداق مەسئۇل كىشىلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن ئىدى.
كىم جوڭئۇننىڭ 15-ئاپرېلدا شىمالىي كورېيەنىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى ۋە چوڭ دادىسى كىم ئىرسىننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقى، سالامەتلىكى توغرىسىدا سۆز-چۆچەكلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
ئامېرىكا جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچى لىندزى گراھام (Lindsey Graham) كىم جوڭئۇن ھەققىدە: «ئۇ يەر ئۈستى يېپىق جەمئىيەت. بىۋاستە بىر نەرسە ئاڭلىمىدىم، ئەمما ئۆلمىگەن ياكى ئىش قىلالمايدىغان ھالغا كەلمىگەن بولسا ھەيران قالىمەن. چۈنكى دۆلەت بولۇشتىن بەكىرەك تەرىقەت بولغان شىمالىي كورېيەگە ئوخشاش ئۈستى يېپىق بىر دۆلەت، بۇ خىل غەيۋەتلەرنىڭ تارقىلىپ يۈرۈشىگە ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنىڭ جاۋابسىز قېلىشىغا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ» دېگەن ئىدى.