گېنېرال رايموند: «ئىراننىڭ سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئىستىخبارات توپلاش ئىقتىدارى يوق»
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى قىسملىرى قوماندانى گېنېرال جەي رايموند ئىران يېقىندا قويۇپ بەرگەن سۈنئىي ھەمراھنى كۈزەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇنىڭ ئىستىخبارات توپلاش ئىقتىدارى يوق» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال رايموند ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېساباتىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى قىسىملىرىغا تەۋە پېت ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى 18 - ئالەم بوشلۇقى كونترول فىلوتى ئىران قويۇپ بەرگەن «3U Cubesat» دەپمۇ باھا بېرىلگەن «Nour-01» سۈنئىي ھەمراھىنى «SATCAT 45529» بىلەن ئىز قوغلاپ تەقىپ قىلماقتا» دېدى.
رايموند ئىراننىڭ سۈنئىي ھەمراھنىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەمەلىيەتتە ئۇ ئالەم بوشلۇقىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ سىنغا ئالىدىغان بىر سىنئالغۇ ئاپپاراتىدىنلا ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ ئىستخبارات توپلاش ئىقتىدارى يوق» دېدى.
ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب مۇئاۋىن باشلىقى گېنېرال جون ھايتېن ئالدىنقى ھەپتە ئىراننىڭ يەرشارى ئوربىتىگە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، «<بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى> دېيەلەيمەن. ئەمما سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا يېتىپ بارالىغان ياكى بارالمىغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن» دېگەن ئىدى.