ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى

ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ئالبېرتو فېرناندېز، ئارگېنتىنادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى.

1404984
ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ئالبېرتو فېرناندېز تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ باشلانغۇچىدا ئارگېنتىنالىق مۇسۇلمان ئاممىسىغا سالامىمنى يوللايمەن. بىرلىكتە قىلغان ئىشنى تەبرىكلەيمەن، رامىزان مۇبارەك بولسۇن!» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

44 مىليون نوپۇسلۇق جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئارگېنتىنادا 400 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر