ئامېرىكادا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 50 مىڭدىن ھالقىدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 195 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 800 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 775 مىڭدىن ئاشتى.

1404903
ئامېرىكادا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 50 مىڭدىن ھالقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 50 مىڭدىن ھالقىدى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 870 مىڭ 486 گە يەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، ھازىرغىچە 26 ئەسكەرنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلىقىنى، يۇقۇملانغان ئەسكەر سانىنىڭ 6 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىتالىيەدە قازا قىلغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 420 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 25969 غا يۇقۇملانغۇچىلار سانى 106 مىڭ 527 گە يەتتى. ئىتالىيە سەھىيە مىنىستىرى روبېرتو سپېرانزا، «ئەگرى ئېگىلدى. ئەمدى كېلەچەككە ئىشەنچ بىلەن، شۇنداقلا دىققەت بىلەن قارىيالايمىز» دېدى.

فىرانسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 22245 كە يەتتى.

يۇقۇم يۈزىسىدىن جەمئىي 5653 ئادەم قازا قىلغان گېرمانىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن 9 تۈركنىڭ قازا قىلىشى بىلەن بۇ  دۆلەتتە قازا قىلغان تۈركلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 109 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر