ئەنگلىيەلىك سىياسەتچىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائاب، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۈزىسىدىن رامىزان ئېيىنىڭ قىيىن ئۆتىدىغانلىقىنى، بىراق شەپقەت، خەير – ساخاۋەت ۋە پىداكارلىق قىممەت – قاراشلىرىنىڭ ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ مۇھىم ھالغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1404445
ئەنگلىيەلىك سىياسەتچىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ساقايغاندىن كېيىن ئارام ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان باش ۋەزىر  بورىس جونسونغا ۋاكالىتەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رائاب، رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقودىكى ئادرېسى ئارقىلىق تېلېگرامما تارقاتتى.

ئەنگلىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەپ «خەيرلىك رامىزانلار» دېگەن رائاب، «بۇ رامىزان خېلىلا قىيىن ئۆتىدۇ، بىراق شەپقەت، خەير – ساخاۋەت ۋە پىداكارلىق قىممەت – قاراشلىرىنىڭ ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ مۇھىم ھالغا كەلدى» دېدى.

ئەنگلىيە سەھىيە مىنىستىرى مات خانكوكمۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، سەھىيە ساھەسى، قوراللىق قىسىم ۋە باشقا ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن مۇسۇلماننىڭ بۇ يىل رامىزان ئېيىنىڭ خۇشاللىقىنى ھەردائىمقىغا ئوخشاش ئورتاقلىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا ئۆيلىرىدىن چىقمىغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

ئەنگلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كېئىر ستارمېرمۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنى تەبرىكلىدى.

ئەنگلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ سابىق باشلىقى جېرېمي كورباينمۇ ئۆز سايلام رايونى، ئەنگلىيە ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا «خەيرلىك رامىزانلار» تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر