مالايشىيا خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

مالايشىيا ھۆكۈمىتى، بىر خىتاي پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى مالايشىيا دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1404443
مالايشىيا خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىشامۇددىن ھۈسەيىن بايانات بېرىپ، مالايشىيانىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا ئالاقىدار مەيدانىنىڭ روشەن ۋە مۇقىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېدى.

مىنىستىر ھىشامۇددىن، مالايشىيانىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «مالايشىيا، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ تىنچلىق ۋە ئۆزئارا سودا دېڭىزى بولۇشى توغرىسىدىكى قارىشىنى ساقلاپ كەلمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھىشامۇددىن، خىتاي چارلاش پاراخوتىنىڭ مالايشىيا دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «بىز چوقۇم دېڭىز تەۋەلىكلىرىمىزدە كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئۇرۇش پاراخوتى ۋە باشقا پاراخوتلارنىڭ بولۇشى جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دېدى.

19 – ئاپرېلدا خىتاينىڭ بىر چارلىغۇچى پاراخوتى مالايشىيانىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تەۋەلىكىگە كىرىپ، مالايشىيانىڭ بىر پاراخوتىغا يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر