خىتايغا قارشى ھەربىي مەبلەغ سېلىش قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا پالاتاسىغا سۇنۇلدى

ئامېرىكا ئاركانساس ئىشتاتىنىڭ پالاتا ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچى توم كاتتون پالاتاغا خىتايغا قارشى قانۇن لايىھەسى سۇندى.

1404018
خىتايغا قارشى ھەربىي مەبلەغ سېلىش قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا پالاتاسىغا سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاركانساس ئىشتاتىنىڭ پالاتا ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچى توم كاتتون تەرىپىدىن سۇنۇلغان قانۇن لايىھىسىدە تىنچ ئوكيان رايونىغا خىتايغا قارشى ئىشلىتىش ئۈچۈن 43 مىليارد دوللارلىق ھەربىي مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى.

قانۇن لايىھىسىدە، مەبلەغ سېلىشتىكى ئاساسلىق مەقسەتنىڭ «خىتاينىڭ ئامېرىكىنى تىنچ ئوكياندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۇرۇنۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ دائىرىدە، رايونغا ئورنىتىش ئۈچۈن ۋىرگىنىيە سىنىپى ۋە كولۇمبىيە سىنىپى ئىككى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى، تېرمىنال يۈكسەك ئېگىزلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى (THAAD) ۋە قۇرۇقلۇققا ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان يېڭى ئەۋلاد پاراخوت پاچاقلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىنىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

قانۇن لايىھەسىدە بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتايغا قارشى ھاۋا ئۈستۈنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىش ۋە بوئىڭ شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان يېڭى ئەۋلاد F-15EX تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى تېزلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

قانۇن لايىھەسىدە، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19 (ۋۇخەن ۋىرۇسى) يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىدا خىتاينىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى شۇنداقلا مۇداپىئە شىركەتلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ زىيېنىغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن 11 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە خامچوت تۈزۈپ چىقىش تەلەپ قىلىندى.

تەيۋەن بىلەن بىۋاسىتە ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇن لايىھىسىدە يەنە، تەيۋەننىڭ پايتەختى تايپېگە گېنېرال دەرىجىلىك ھەربىي ۋاكالەتچى تەيىنلىنىشى لازىملىقى تەلەپ قىلىندى.

قانۇن لايىھەسىدە، رايوندىكى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئورتاق تەجرىبە ۋە ھەربىي مانېۋىرلارنى كۆپەيتىشنىڭمۇ مۇھىملىقى تەكىتلەندى. رايونغا ھەربىي مۇئەسسىسەلەرنى قۇرۇش ۋە ئۇچۇر مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن  1 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق قوشۇمچە ياردەم فوندى ئاجرىتىلىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر