يەمەندە  ۋاقىتلىق پايتەخت ئادەن «ئاپەت رايونى» ئېلان قىلىندى

يەمەن ھۆكۈمىتى مەملىكەتنىڭ جەنۇبىدىكى ۋاقىتلىق پايتەخت ئادەننى، كەلكۈن كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم ۋە ماددى ۋە زىيانلار سەۋەبىدىن «ئاپەت رايونى» ئېلان قىلدى.

1403339
يەمەندە  ۋاقىتلىق پايتەخت ئادەن «ئاپەت رايونى» ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرى مۇئىن ئابدۇلمەلىك تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈننىڭ چوڭ ۋەيراچىلىققا سەۋەب بولغانلىقىنى، شۇڭا ئادەننىڭ «ئاپەت رايونى» ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلمەلىك: «قېرىنداش ۋە دوست دۆلەتلەر بىلەن ياردەم تەشكىلاتلىرىنى بۇ ئاپەتكە قارشى تۇرۇشتا بىزنى قوللاشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ئابدۇلمەلىك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قوللاۋاتقان جەنۇبىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت كېڭىشى (GGK) ئاۋغۇست ئېيىدا بۇ شەھەرنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،  بۇ ئەھۋالنىڭ كەلكۈنگە ئوخشاش پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، شەھەرنى تېخىمۇ ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلمەلىك 2019 - يىلى نويابىردا جەنۇبىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت كېڭىشى (GGK)  بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان رىياد كېلىشىمىنىڭ بارلىق ماددىلىرىنى ئىجرا قىلىشتىن باشقا ھەل قىلىش چارىسىنىڭ يوقلىقىنى ئەسكەرتتى.

يەمەندە مارت ئېيىدىن بۇيان بەزى رايونلارغا تەسىر كۆرسەتكەن قاتتىق يامغۇر ۋە سۇ ئاپىتىدە 3 كىچىك بالانى قوشقاندا، جەمئىي 4 كىشى قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر