ترامپ بىلەن بورىس جونسون ۋۇخەن ۋىرۇسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1403260
ترامپ بىلەن بورىس جونسون ۋۇخەن ۋىرۇسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدىن داۋالىنىپ چىققان باش ۋەزىر بورىس جونسون بىلەن سۆھبەتلەشكەن تۇنجى چەت ئەل رەھبىرى بولدى.

ئەنگلىيە 10-نومۇرلۇق باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ باش ۋەزىر بورىس جونسونغا ساقلىق تىلىكىنى يەتكۈزگەن.

ئىككى رەھبەر ۋاباغا قارشى بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان خەلقئارالىق كۈرەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

كۆرۈشۈشتە، ۋاباغا قارشى كۈرەشتە ئەنگلىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى رەھبەر يەنە، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئىمزالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ۋەدە قىلدى.

باش ۋەزىر بورىس جونسون 2020-يىلى 27-مارتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بولۇپ. شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 كۈندە داۋاملىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن 5-ئاپرېل كەچتە دوختۇرخانىدا داۋالاش ئاستىغا ئېلىندى ۋە 12-ئاپرېل دوختۇرخانىدىن چىقتى.

خەۋەرلەردە، لوندون ئەتراپىدىكى باش ۋەزىرلىك بىناسىدا دەم ئېلىۋاتقان بورىس جونسوننىڭ بىز مەزگىلگىچە خىزمەت قىلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر