تالىبان سارىپۇل ۋىلايتىدە ئۈچ نۇقتىغا ھۇجۇم قىلدى
ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان سارىپۇل ۋىلايىتىدە ئۈچ ئايرىم نۇقتىغا، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قىلغان ھۇجۇمىدا 11 خەۋپسىزلىك خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى.
1403197
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان سارىپۇل ۋىلايىتى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى زابىھۇللاھ ئامانى تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ سارىپۇلنىڭ مەركىزى سانچاراك ۋە سۇزما قەلئە ناھىيەلىرىگە بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتچى زابىھۇللاھ ئامانى ھۇجۇمدا 11 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 19 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە بىر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ تالىبان تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ ھۇجۇمدىن كېيىن چىققان ئېتىشىشلاردا تالىباننىڭمۇ ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تالىبان ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.