سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى ھەرەمدىكى تەراۋىھ نامازلىرىغا قاتنىشالايدىغانلارنىڭ دائىرىسىنى بېكىتتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 178548 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 572603 كە يەتتى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 701500 دىن ئاشتى.

1403396
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى ھەرەمدىكى تەراۋىھ نامازلىرىغا قاتنىشالايدىغانلارنىڭ دائىرىسىنى بېكىتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قازا قىلغانلار سانى 4632 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 82788گە؛ جەنۇبىي كورېيەدە قازا قىلغانلار سانى 237 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 10694 كە؛ ئىسرائىلىيەدە قازا قىلغانلار سانى 197 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 13930 غا؛ پاكىستاندا قازا قىلغانلار سانى 209 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 9749 غا؛ ئافرىقا قىتئەسى مىقياسىدا قازا قىلغانلار سانى 1160 قا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 23807گە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 5909 غا يەتتى.

ياپونىيەنىڭ ناگازاكى شەھىرىدىكى بىر پورتقا كىرگەن ئىتالىيە يولۇچىلار پاراخوتى – كوستا ئاتلانتىكانىڭ 34 مۇلازىمەتچىسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى.

ئىراندا قازا قىلغانلار سانى 5391 غا يەتتى.

يۇقۇم تۈپەيلى ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن سېررالېئوندا پىرېزىدېنت جۇلىيۇس مائادا بىئو مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بىرىدە يۇقۇم بايقالغاندىن كېيىن ئۆزىنى كارانتىن قىلدى.

سېنېگالدا قازا قىلغانلار سانى 5 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 184 كە يەتتى. پىرېزىدېنت ماكي سال، ئافرىقا قىتئەسىنى قەرز يۈكىدىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلاپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىز، كوۋىد – 19 يۇقۇمىدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئافرىقانىڭ پۈتكۈل دۇنياغا خەۋپ پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان كوۋىد – 19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن رامىزان ئېيى بويىچە مەككەدىكى كەبە ۋە مەدىنەدىكى مەسجىدى ھەرەمدە ئادا قىلىنىدىغان تەراۋىھ نامازلىرىنىڭ مەزكۇر ئىككى مەسچىتتە خىزمەت قىلىدىغانلار، دىزىنفېكسىيە قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشىلەر ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 10 رەكەت ھالىتىدە ئادا قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر