مالايشىيادا دېنگې قىزىتمىسى بايقالدى

مالايشىيادا يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە 38 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم پاشا چېقىش ئارقىلىق تارقىلىدىغان دېنگې قىزىتمىسى بىلەن يۇقۇملاندى.

1403466
مالايشىيادا دېنگې قىزىتمىسى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا سەھىيە مىنىستىرلىقىغا ئائىت «‹ iDengue› خەۋەرلەر تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت مىقياسىدا بۇلتۇر 29 – دېكابىردىن تارتىپ بۇ يىل 21 – ئاپرېلغىچە 38 مىڭ كىشىنىڭ  دېنگې قىزىتمىسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان. بۇ جەرياندا، دېنگې قىزىتمىسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى سېلانگخور ئۆلكىسىدە 23 مىڭ 22 گە، پايتەخت كۇئالالۇمپۇردا 2 مىڭ 906 گە يەتكەن.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە چىقىرىلغان ئاگاھلاندۇرۇشتا ئەسكەرتىلىشىچە، دېنگې قىزىتمىسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەن، شۇڭا، دېنگې قىزىتمىسى يۇقۇمىنىڭ تەھدىتىگە سەل قارىماسلىق كېرەك ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر