ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى، تۈركىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، ئەتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك يىغىن چاقىرىدۇ.
1402413

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ تۈركىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئەتە جىددىي تېلېۋىزىيە يىغىنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، «يىغىندا كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشىكلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ئورتاق خىزمەتلەرنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە بۇ دائىرىدە تاشلاشقا بولىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

بلىنكېن كابۇلنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى.