ئىككى ھەرەمدە تاراۋىھ نامازلىرىنىڭ جامائەتسىز ئادا قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 170482 گە؛ يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 482506 گە؛ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 652479 غا يەتتى.

1402334
ئىككى ھەرەمدە تاراۋىھ نامازلىرىنىڭ جامائەتسىز ئادا قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىلورۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەۋەلىكىدە يۇقۇم يۈزىسىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 51 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 6264 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مولداۋىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، قازا قىلغانلار سانىنىڭ 68 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 2548 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى، قازا قىلغانلار سانىنىڭ 19 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 1775 كە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانىنىڭ ئىككىسى 82 ياشلىق ئىككى كىشى بولۇپ جەمئىي 447 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەزەربەيجان سەھىيە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى كوۋىد – 19 مەركىزى، قازا قىلغانلار سانىنىڭ 19 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 1436 گە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانىنىڭ 791 گە يەتكەنلىكىنى، 626 كىشىنى داۋالاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۆزبېكسىتان سەھىيە مىنىستىرلىقى، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 5 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 1604 كە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانىنىڭ 261 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاجىكىستان سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي ئاسراش مىنىستىرلىقى، ھازىرغىچە دۆلەت تەۋەلىكىدە كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى، چەت ئەلدىن قايتقان 1525 ئادەمنىڭ ھەر ئېھتىماللىققا قارشى كارانتىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن سەفەدى، كوۋىد – 19 خەۋپى يۈزىسىدىن سۈرىيەلىكلەر تۇرۇۋاتقان رۇكبان مۇساپىرلار لاگېرىغا ئىيوردانىيە ئارقىلىق ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

يۇقۇملانغۇچىلار سانى 449 غا يەتكەن پەلەستىندە دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ بوشىتىلىشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى. پەلەستىن ئسىلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس، كوۋىد – 19 مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى قۇددۇستا ياشايدىغان پەلەستىنلىكلەرگە مەقسەتلىك ھالدا تېببىي جەھەتتە چەتتە قالدۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 177 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 13713 كە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 4049 غا يەتتى.

ماراكەشتە يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3046 گە يەتتى.

تۇنىستا قازا قىلغانلار سانى 38 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 884 كە كۆپەيدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن رامىزان ئېيىدا مەككە مۇكەررەمەدىكى ھەرەم شەرىف ۋە مەدىنەدىكى مەسجىدى نەبەۋىيدە تاراۋىھ نامازلىرىنىڭ جامائەتسىز ئادا قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇردى.

ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن گانا، رۇئاندا ۋە بېنىندا كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە كوچىلاردا ماسكا تاقاپ يۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر