كىم جوڭئۇننىڭ يۈرەك ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى  بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسى شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ يۈرەك ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىستىخباراتلار ئۈستىدە توختالدى.

1402677
كىم جوڭئۇننىڭ يۈرەك ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى  بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «CNN» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئىستىخبارات مەسئۇلى، «ئامېرىكا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىگە دائىر ئىستىخباراتنى تەكشۈرۈپ چىقتى» دېدى.

خەۋەردە، يەنە بىر ئامېرىكىلىق مەسئۇلمۇ كىمنىڭ سالامەتلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈردى.  ئەمما ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى جەزملەشتۈرۈشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

شىمالىي كورېيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى «Yonhap» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە ئىستىخباراتى شىمالىي كورېيە رەھبىرىنىڭ سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە بىرەر ئەھۋالنى بايقىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىمالىي كورېيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى «Yonhap» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىستىخبارات ئەمەلدارى كىم جوڭئۇننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىغا دائىر بىرەر ئالامەت كۆرمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، شىمالىي كورېيە رەھبىرىنىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خەلق ئالدىغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىنتېرنېتتە تارقىتىش بېرىدىغان كۈندىلىك «NK NK» گېزىتى، 12-ئاپرېلدا كىم جوڭئۇننىڭ يۈرەك قان تومۇر ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ خىياڭسان رايونىدىكى ئۆيىدە داۋالىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.  

كىم جوڭئۇننىڭ سالامەتلىكىنىڭ «كۆپ تاماكا چېكىش، سېمىزلىك ۋە ھەددىدىن زىيادە ئىشلەش» سەۋەبىدىن ناچارلاشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردە، شىمالىي كورېيە رەھبىرىنى داۋالىغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ  كىم جوڭئۇننىڭ سالامەتلىكى ياخشىلانغاندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 19-كۈنى پيوڭياڭغا قايتىپ كەلگەنلىكى، ئاز بىر قىسمىنىڭ ياخشىلىنىش مەزگىلىدە كىم جوڭئۇنغا ھەمراھ بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

كىم جوڭئۇننىڭ 1994-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋاپات بولغان ۋە  شىمالىي كورېيەنىڭ قۇرغۇچىسى بوۋىسى كىم ئىلسۇڭنىڭ 108 - تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشمىغانلىقى، ئۇنىڭ سالامەتلىكى توغرىسىدا ھەر خىل سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر