شىمالىي كورېيە دونالد ترامپنىڭ كىم جوڭئۇن ھەققىدە ئاساسسىز گەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

شىمالىي كورېيە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ  پىرېزىدېنت كىم جوڭئۇڭدىن «چىرايلىق بىر خەت» تاپشۇرۇۋالغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

1401942
شىمالىي كورېيە دونالد ترامپنىڭ كىم جوڭئۇن ھەققىدە ئاساسسىز گەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيە رەھبىرىنىڭ ترامپ چۈشەندۈرگەندەك خەت يوللىمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ نېمە ئۈچۈن «ئاساسسىز» ھېكايىنى تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىگەنلىكى تەكشۈرىلىدىغانلىقى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ «شەخسىيەتچىلىك ئۈچۈن» قالايمىقان ئىشلىتىلىشىگە بولمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تىرامپ شەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن كوۋىد -19 خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ،  شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇندىن «چىرايلىق بىر خەت» تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر