نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا ئېغىر زەربە بېرىلدى
نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا، ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، 105 تەشكىلات ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئارمىيە باياناتچىسى مۇسا ساغىر مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئارمىيەنىڭ يوبې ئۆلكىسىگە قاراشلىق بۇنى گارى يېزىسىدا بوكو ھارامغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇسا ساغىر ھەرىكەتتە 105 تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە نۇرغۇن ئوق - دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇسا ساغىر ھەرىكەتتە 2 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنىمۇ بايان قىلدى.
ئىلگىرىكى ھەرىكەتتە 10 تېرورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
نىگېرىيەدە 2000 - يىلدىن بۇيان پائالىيەت قىلىۋاتقان تېرورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 2009 يىلىدىن ئېتىبارەن ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.