خىتاي كوۋىد-19نىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقاپ كەتكەنلىكىنى رەت قىلدى

خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس ئىلمى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19 (ۋۇخەن ۋىرۇسى) نىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقاپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى رەت قىلدى.

1401881
خىتاي كوۋىد-19نىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقاپ كەتكەنلىكىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىنستىتۇت دېرىكتورى يۈەن جىمىڭ كوۋىد -19 نىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشنى شۇنداقلا خىتاينىڭ يۇقۇملۇق ئاپەتكە قارشى كۈرىشىگە ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىغا ئارىلىشىۋېلىشىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۈەن جىمىڭ ۋۇخەن دۆلەتلىك بىئولوگىيىلىك بىخەتەرلىك تەجرىبىخانىسى (Vuhan P4) دا قايسى ۋىرۇسلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىلگىرى ئېيتقىنىمىزدەك، ۋىرۇسنىڭ بىزدىن تارقىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

يۈەن جىمىڭ ۋىرۇسنىڭ ئىنسان تەرىپىدىن ياسالغانلىقى مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، « ھەقىقەتەن ئىلمىي ژۇرناللاردا نۇرغۇن ماقالىلەر بار. مېنىڭ ۋىرۇسقا بولغان شەخسىي پىكرىم شۇكى، ۋىرۇسنىڭ سۈنئىي ياكى بىرىكمە شەكىلدە ياسالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت يوق». دېدى.

كوۋىد -19 نىڭ تەجرىبىخانىدا ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقانلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق دەلىل - پاكىت يوقلىقىنى ئەسكەرتكەنيۈەن جىمىڭ، بۇ قاراشلارنىڭ پۈتۈنلەي پەرەزنى ئاساس قىلدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۈەن جىمىڭ يەنە، ھېچبىر  تەجرىبىخانا خادىمىنىڭ كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ: #كوۋىد-19 , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر