خىتاي پاراخوتى مالايشىيانىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىردى

خىتايغا تەۋە بىر پاراخوت جەنۇبىي دېڭىزدىكى مالايشىيانىڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرىپ، مالايسىيا پاراخوتىغا يېقىنلاشتى.

1401063
خىتاي پاراخوتى مالايشىيانىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پاراخوت ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىدىغان «دېڭىز قاتنىشى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 9 – ئاپرېلدا خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى سەنيا دېڭىز قىرغىقىدىن يولغا چىققان بىر تەتقىقات پاراخوتى جۈمە كۈنى مالايشىيانىڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ، مالايشىيا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى پېتروناسنىڭ پاراخوتىغا يېقىنلاشقان.

مالايشىيا دېڭىز بىخەتەرلىك ئىدارىسى (APMM) نىڭ باش دېرىكتورى موھد زۇبىل مات سوم ئىنتېرنېت تورى تور بېتىگە بەرگەن باياناتىداا،  بۇ ۋەقەنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، « بۇ ھەرىكەتنىڭ نېمە مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلمەيمىز، ئەمما خىتاينىڭ قىلغىنى پۈتۈنلەي قانۇنغا خىلاپ» دېدى.

موخد زۇبىل خىتاي پاراخوتى پېتروناس پاراخوتىغا يېقىنلاشقان رايوننىڭ مالايشىيا قۇرۇقلۇق دېڭىز تەۋەلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ يەر بىزنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىمىز ۋە بىز ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىمىز ئىچىدىكى بارلىق پائالىيەتلەرنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا خەلقئارالىق ھەرىكەتلىنىشلەر كۆرۈلگەن بولۇپ، ۋېيېتنامنىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۆكۈپ كەتكەن ۋە بۇ پاراخوتنى بىر خىتاي پاراخوتىنىڭ چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكى  خەۋەر قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر