ئامېرىكا يادرو قورالسىزلىنىش سۆھبەتلىرىگە خىتاينىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشىنى تەكلىپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە قورالسىزلىنىش سۆھبەتلىرى توغرىسىدا كۆرۈشتى.

1400632
ئامېرىكا يادرو قورالسىزلىنىش سۆھبەتلىرىگە خىتاينىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشىنى تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋنىڭ تېلېفوندا  كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ قورالسىزلىنىش سۆھبەتلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس، پومپېيو بىلەن لاۋروۋنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىر پومپېيونىڭ يادرو قورالسىزلاندۇرۇش سۆھبىتىگە خىتاينىڭمۇ قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قارىشىغا ئاساسەن، كەلگۈسىدىكى قورالسىزلاندۇرۇش سۆھبىتى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا ئۈچ تەرەپلىك ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك دىيالوگى دائىرىسىدە، كوۋىد – 19 يۇقۇمى، رۇسىيەدە قاماقتا يېتىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر