ترامپ: ئۆلگەنلەر سانى جەھەتتە ئامېرىكا خىتاينىڭ يېنىغىمۇ يېقىنلىشالمايدۇ

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېلان قىلىنغان سانغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە ئامېرىكادىكىدىنمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1400511
ترامپ: ئۆلگەنلەر سانى جەھەتتە ئامېرىكا خىتاينىڭ يېنىغىمۇ يېقىنلىشالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا دېكابىر ئېيىدا (2019) كوۋىد – 19 ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققان خىتاي توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

كوۋىد – 19 نى «كۆرۈنمەس دۈشمەن» دەپ تەسۋىرلىگەن ترامپ، ئۇچۇرىدا، «خىتاي، كۆرۈنمەس دۈشمەن يۈزىسىدىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر سانى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىلگەن بىر بايانات ئېلان قىلدى. ئەسلىدە قازا قىلغانلار سانى ئېلان قىلىنغاندىن خېلىلا كۆپ ۋە ئامېرىكادىكى قازا قىلغانلار سانىدىنمۇ كۈپ، ئامېرىكا (بۇ جەھەتتە) خىتاينىڭ يېنىغا يېقىنلىشالمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تۈنۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىغا تۈنۈگۈن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بۇرۇن 2579 دەپ ئېلان قىلىنغان قازا قىلغانلار سانىغا 1290 كىشىنى ئىلاۋە قىلىپ، جەمئىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 3869 ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مىقياسىدا يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانى 4632 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر