ئابباس: پەلەستىنلىك مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلمىگىچە ھەر قانداق كېلىشىمگە ئىمزا قويۇلمايدۇ

پەلەستىن دۆلەت باشلىقى مەھمۇت ئابباس تۈرمىلەردىكى پەلەستىنلىك مەھبۇسلار ۋە ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلمىگىچە، ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەر قانداق كېلىشىمگە ئىمزا قويمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1399995
ئابباس: پەلەستىنلىك مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلمىگىچە ھەر قانداق كېلىشىمگە ئىمزا قويۇلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت باشلىقى مەھمۇت ئابباس پەلەستىنلىك ئەسىرلەر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىسىرائىلىيەدىن تۈرمىلەردىكى پەلەستىنلىكلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، مەھبۇسلارنى «ئەركىنلىك جەڭىلىرى قەھرىمانلىرى» دەپ ئاتاپ، مۇنداق دېدى:

«ئىسىرائىلىيە تۈرمىلىرى بوشىتىلمىغىچە ئاخىرقى تىنچلىق كېلىشىمىگە قەتئىي ئىمزا قويمايدىغانلىقىمىزدىن ئىبارەت ۋەدىمىزنى تەكرارلايمىز. قەھرىمان ئەسىرلىرىمىزدىن ۋە ئائىلىلىرىمىزدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىمىز ئۈچۈن قىلىنغان ھەر تۈرلۈك بېسىمغا بويۇن ئەگمەيمىز. ئۇلارنىڭ شەرەپلىك ھايات ياشىشى ئۈچۈن، زۆرۈر بولغان بارلىق ياردەملەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  سەۋەبىدىن تۈرمىلەردىكى، بولۇپمۇ  كېسەللەر، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھاياتىغا ئىسىرائىلىيەنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا، ئىسىرائىلىيەگە بېسىم قىلىپ، ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرىق قىلدى.

پەلەستىن دۆلەت پارلامېنتى 1974-يىلى 17-ئاپرېل چىقىرىلغان قارار بويىچە، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن «ۋاپا كۈنى» بولۇشى ئۈمىدىدە، ھەر يىلى 17-ئاپرېلنى «پەلەستىنلىك ئەسىرلەر كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

پەلەستىننىڭ رەسمىي مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسىرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 500 گە يېقىن مەمۇرىي مەھبۇس، 230 بالا بولۇپ جەمئىي 5 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر