ئەنگلىيە: خىتاي قىيىن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائاب خىتاينىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ۋە يۇقۇمغا بالدۇرراق تاقابىل تۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بار – يوقلۇقىدىن  ئىبارەت قىيىن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1400279
ئەنگلىيە: خىتاي قىيىن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رائاب، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «خىتاي بىلەن ھېسابلىشىش» قا ئالاقىدار بىر سسوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقۇمغا ئالاقىدار بارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى ۋە بۇ مەسىلىدە بىلىمگە تايىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، مەسىلىگە كەڭ دائىرىلىك نەزەر تاشلاپ، تەڭپۇڭلۇقنى ئاساس قىلىشىمىز شەرت. بىراق، شۇ ھەممىگە ئايانكى، بۇ كىرىزىستىن كېيىن ئىشلار ھەرگىزمۇ بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ. شۇڭا، خىتايدىن، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> نىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ۋە يۇقۇمغا بالدۇرراق تاقابىل تۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بار – يوقلۇقىدىن  ئىبارەت قىيىن سوئاللارنى سورىمىشىز لازىم.»

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ئاخبارات ئورگىنى « MI6» نىڭ سابىق مەسئۇلى جون ساۋېرمۇ، 15 – ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» مەسىلىسىدە دۇنيادىن ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغانلىقىنى، شۇڭا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىملىقىنى ئېيتقانىدى.

مىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋىرۇس، ئالدىنقى يىلى دېكابىر ئېيىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى بىر مال بازىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان، ئارقىدىنلا، پۈتكۈل دۇنياغا تارقاپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر