ب د ت: بۇ يىل يۈز مىڭلارچە بالا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي چېكىنىشىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ 2020 – يىلى يۈز مىڭلارچە بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

1400278
ب د ت: بۇ يىل يۈز مىڭلارچە بالا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېرېش، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ بالىلارغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىگە ئالاقىدار دوكلاتىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بالىلارنىڭ دېگۈدەك مەكتەپكە بارالمايۋاتقانلىقىنى، گەرچە بىر قىسىم مەكتەپلەردە يىراق مۇساپىلىك مائارىپ يولغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن پۈتكۈل بالىلارنىڭ بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 310 مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ، يەنى دۇنيادىكى ئوقۇغۇچىلار نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنىڭ، كۈندىلىك سىستېمىلىق ئۇزۇقلىنىش مەنبەسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مەكتەپلەرگە بەل باغلايدىغانلىقىنى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇنمۇ كۆپلىگەن بالىلارنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئۆسۈشنىڭ ئارقىدا قېلىشىدەك خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بالىلار كارانتىن ئاستىدا ئائىلە ئىچى زوراۋانلىق، سۇيىئىستېمال قىلىنىشتەك خەۋپلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئائىلىلەرنى، قىز بالىلارنىڭ مەكتەپتىن چېكىنىش ۋە بالدۇر ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرىمەن. ئاممىۋى تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ بالىلارنى ئىنتېرنېتتە زوراۋانلىق ۋە سۇيىئىستېمالغا دۇچ كېلىشىدىن قوغداش مەسئۇلىيىتى بار.  23 دۆلەتتە يۇقۇم، قىزىلئۆڭگەچ، بالىلار كېسەللىكلىرى ۋاكسىنىسى توختىتىلغانلىقى ئۈچۈن، دوختۇرخانىلارنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى، بۇ ئەھۋال، بالىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي چېكىنىشىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، 2020 – يىلى يۈز مىڭلارچە بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى باردۇر. بۇلتۇقى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەن تەخمىنەن 386 مىليون بالىغا، يۇقۇمغا دۇچ كېلىۋاتقان 42 – 66 مىليون بالىنىمۇ ئىلاۋە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. <ۋۇخەن ۋىرۇسى> سەۋەبىدىن مەكتەپلەر تاقالغان 188 دۆلەتتە، بىر يېرىم مىليون بالا ۋە ياشنىڭ ئوقۇش ئىشلىرى توختاپ قالدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر