تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىدلىب خەلقىنى قىرغىن قىلىش نىيىتىنى ئاشكارىلىدى

سۈرىيەدە سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى دېگەن نامنى ئىشلىتىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ئىدلىب خەلقىنى قىرغىن قىلىش نىيىتىنى ئاشكارىلىدى.

1399081
تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىدلىب خەلقىنى قىرغىن قىلىش نىيىتىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى دېگەن نامنى ئىشلىتىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئاتالمىش مەتبۇئات ئىشلىرى كوئوردىناتورلىرىدىن ئىبراھىم ئىبراھىم، ئىدلىبتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇ يەردىكى 2 مىليون كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىبراھىم ئىبراھىم، سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ «Syria TV» قانىلىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا ئالاقىدار سۆھبەت پىروگراممىسىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك سۆز قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىدلىبقا تېببىي ئەشيا ياردىمى قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ تېررورچىلارغا ياردەم بېرىش دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىدلىبتىكىلەر تېررورچىلاردۇر» دېدى.

ئۇ، رىياسەتچىنىڭ «ئىدلىبتا 4 مىليون ئادەم بار، ئۇ يەردە 4 مىليون تېررورچى بار دېمەكچىمۇ سىز؟» دېگەن سوئالىغا «شۇنداق، 4 مىليون. 4 مىليون بولمىغاندىمۇ كەم دېگەندە %75 ى ياكى %50 ى تېررورچىدۇر. باشقىلىرى ئېزىلگۈچى كىشىلەردۇر» دەپ جاۋاب بەردى.

رىياسەتچى بۇنىڭغا قارىتا «ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەكمۇ؟» دەپ سورىدى، ئىبراھىم، «شۇنداق، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىبراھىم سۆھبەتنىڭ داۋامىدىمۇ «ئۇ يەردە 4 مىليون ئادەم بولسا، ئۇلارنىڭ 2 مىليونى تېررورچىدۇر. سۆزلىرىمگە مەن ئىگە» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر