ترامپ ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1398430
ترامپ ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ ياردەمچىسى جاد دېرېنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ئەسكەرتىىشىچە، ترامپ بىلەن ماكروننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى، دۇنيا ئىقتىسادىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىككى رەھبەر، يەنە پەيشەبە كۈنى تېلېكونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق چاقىرىلىشى پىلانلانغان 7 – گ گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى، ھالقىلىق رايونلۇق مەسىلىلەر ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر