لىۋىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرى ھەربىي ئىسيانچى خەلىپە ھافتەر ئۇنسۇرلىرىغا ئېغىر زەربە بەردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) لىۋىيەنىڭ غەربىگە جايلشقان ۋاتىييە ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ھەربىي ئىسيانچى خەلىپە ھافتەر ئۇنسۇرلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرى باياناتچىسى مۇھەممەد قۇنۇنۇ ۋاتىييە ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ئۆىلگىرىلەشلەر ھەققىدە قىسقىچە بايانات ئېلان قىلدى.
قۇنۇنۇ ۋاتىييە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قېچىپ كەتكەن دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى ھافتەرگە تەۋە ئۇنسۇرلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرى تۈنۈگۈن دۆلەتنىڭ غەربىي رايونلىرىدىكى ھەرىكەتلەردە 3 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن يەرنى خافتېر ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.
پايتەخت تىرابلۇستىن تۇنىس چېگراسىغىچە بولغان رايوندا، سابراتا ۋە سۇرمان قاتارلىق 7 ناھىيە ۋە بىر شەھەرنى ھافتەر ئۇنسۇرلىرىدىن قايتۇرۇپ ئالغان لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرى، دۆلەتنىڭ غەربىدىكى دېڭىز ساھىلى لىنىيەسى بويۇنچە پۈتۈن كونتروللۇقنى ئالقىنىغا ئالغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.