جەنۇبىي كورېيە ۋۇخەن  ۋىرۇسى ئاپىتى مەزگىلىدە چوڭ سايلام ئۆتكۈزگەن تۇنجى دۆلەتكە ئايلاندى

جەنۇبىي كورېيەدە، سايلىغۇچىلار ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يۇقىرى تازىلىق قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلغان ھالدا بېلەت تاشلاش ئۈچۈن ساندۇق بېشىغا باردى.

1398674
جەنۇبىي كورېيە ۋۇخەن  ۋىرۇسى ئاپىتى مەزگىلىدە چوڭ سايلام ئۆتكۈزگەن تۇنجى دۆلەتكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە كوۋىد -19 ۋاباسى دۇنياغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر مەزگىلىدە تۇنجى بولۇپ چوڭ سايلام ئۆتكۈزگەن دۆلەتكە ئايلاندى.

تەخمىنەن 44 مىليون سايلىغۇچىسى بولغان جەنۇبىي كورېيەدە، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %60 بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مەجلىسىدە 300 ئورۇندۇق بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنى ۋە ئاساسلىق ئۆكتىچى بىرلەشمە كەلگۈسى پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 پارتىيەنىڭ نامزاتلىرى رىقابەتكە چۈشتى.  

جەنۇبىي كورېيەدە سايلىغۇچىلاردىن ماسكا تاقاش ۋە بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاش تەلەپ قىلىندى. بېلەت تاشلايدىغان بىنالارنىڭ كىرىش ئېغىزىدا كىشىلەرنىڭ قىززىتمىلىرى ئۆلچەنمەكتە.

قىزىتمىسى 37.5 دىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئايرىم كابىنكىدا بېلەت تاشلىغاندىن كېيىن، ۋىرۇس تەكشۈرۈشىگە ئەۋەتىلمەكتە.

يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن بېلەت تاشلىغۇچىلاردىن پلاستىك پەلەي كىيىش ۋە قول دېزىنفېكسىيە دورىسى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنماقتا. سايلىغۇچىلارنىڭ كىملىكلىرى بارماق ئىزى بىلەن ئەمەس، مەخسۇس ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەكشۈرۈلمەكتە.

سايلىغۇچىلارغا تەكشۈرۈش جەريانىدا ماسكالىرىنى چىقىرىۋېتىش، بىراق سۆز قىلغاندا ماسكىسىنى ئېلىۋەتمەسلىك ۋە سايلامدىن ئىلگىرى دېزىنفېكسىيە قىلىنغان بېلەت تاشلاش مەركەزلىرىگە بالىلىرىنى ئېلىپ كەلمەسلىك تەۋسىيە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر