ئافغانىستاننىڭ پاكتىيا ۋىلايىتىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پاكتىيا ۋىلايتىدە كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىدا، ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1396886
ئافغانىستاننىڭ پاكتىيا ۋىلايىتىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيو خەۋىرى: پاكتىيا ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇللاھ ھاسرات پاكتىيانىڭ مەركىزى گاردىز شەھىرىدە كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ، ئىستىخبارات خادىملىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىلغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ھۇجۇمدا، بىر ئىستىخبارات خادىمى ۋە ئىككى پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ھۇجۇمچىلارنىڭ بولسا قېچىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھازىرچە، ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس ھۇجۇمغا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر