پاكىستاندا مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
پاكىستاندا مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ ئىككى ئۇچقۇچى قازا قىلدى.
1397042
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇجارات شەھىرى ئەتراپىدا پاكىستان ئارمىيەسىگە ئائىت « Mushaq » تىپلىق مەشىق ئايروپىلانى ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دە چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى ئۇچقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
دۆلەتتە 23 – مارت كۈنىمۇ پاكىستان مىللىي كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا ماھارەت كۆرسىتىۋاتقاندا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، ئۇچقۇچى قازا قىلغانىدى.