غەرب دۆلەتلىرىدىكى ۋىرۇسقا ئالاقىدار يېڭى سانلىق مەلۇماتلار:

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 110 مىڭ 827 گە يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 1مىليون 800 مىڭدىن ۋە ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 412 مىڭدىن ئاشتى.

1396757
غەرب دۆلەتلىرىدىكى ۋىرۇسقا ئالاقىدار يېڭى سانلىق مەلۇماتلار:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ يېڭى مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1831 كىشى ئېشىپ، 20 مىڭ 608 گە يەتتى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 530 مىڭدىن ئاشتى. نىيۇ يوركتىلا 8650 كىشى ئۆلۈپ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 18 مىڭغا چىقتى.

ئىتالىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 431 كىشى ئېشىپ، 19 مىڭ 899 غا يەتتى. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 102 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

فىرانسىيەدە كوۋىد -19 ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 561 كىشى ئېشىپ، 14 مىڭ 393 كە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 132 مىڭ 591 گە يەتتى.

ئەنگىلىيەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 737 كىشى ئېشىپ، 10 مىڭ 612 گە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 5288 كىشى ئېشىپ، 84 مىڭ 279 غا يەتتى. ئەنگىلىيەدە مۇددىتى بۈگۈن توشىدىغان قىسمەن كارانتىنانىڭ ئۇزارتىلىشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

گېرمانىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 126 كىشى ئېشىپ،  2799 غا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 2537 كىشى ئېشىپ، 123 مىڭ 16 گە ئۆرلىدى.

يېڭى زېلاندىيەدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار 5 كە ئۆرلىدى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 1349 گە يەتى.

ئاۋىستىرالىيەدە 61 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلدى.  6322 كىشى يۇقۇملاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر