تۈركىيە - رۇسىيە ۋەكىللىرى ئىدلىب توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال بىلەن رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى سېرگېي ۋېرشىنىن، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1395907
تۈركىيە - رۇسىيە ۋەكىللىرى ئىدلىب توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى سەدات ئۆنال بىلەن رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى سېرگېي ۋېرشىنىننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىدلىبنىڭ مۇقىملىققا ئىگە قىلىنىشى توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ تەتبىقلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يوللىرى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، سۆھبەت جەريانىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي مۇساپە توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 5 – مارتتا موسكۋادا كۆرۈشۈپ، ئىدلىبتا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر