ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىرۇسقا قارشى ئىقتىسادىي ياردەم لايىھەسىدە كېلىشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) نىڭ تەسىرىگە قارشى تەخمىنەن 540 مىليارد ياۋرولۇق ئىقتىسادىي ياردەم لايىھەسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

1395307
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىرۇسقا قارشى ئىقتىسادىي ياردەم لايىھەسىدە كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋرو گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مارىيو ۋېنتونو (Mario Centeno) ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى مالىيە مىنستىرلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە يىغىنى ئاخىرلاشقاندا، خىزمەتچىلەر، شىركەتلەر ۋە دۆلەتلەرنى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرلىرىدىن قوغدايدىغان كەڭ دائىرىلىك قۇتقۇزۇش لايىھەسى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوغداش ئۈچۈن 100 مىليارد ياۋرولۇق يېڭى ئىش ھەققىنى قوللاش پىروگراممىسىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى، مەزكۇر سىستېما بىلەن دۆلەتلەردىكى قىسقا ۋاقىتلىق ئىشلەش پىروگراممىلىرىنى مالىيە جەھەتتىن قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياۋروپا مەبلەغ بانكاسى(EIB)  نىڭ شىركەتلەرگە 200 مىليارد ياۋرولۇق قەرز بېرىشنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشىنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە مالىيە جەھەتتىن ياردەم قىلىش ئۈچۈن «ۋابا كىرىزىسى ياردىمى» نامى ئاستىدا تەخمىنەن 240 مىليارد ياۋرولۇق كرىدېت پىروگراممىسىنىڭمۇ قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋرو رايونىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر فوندلاردىن پەقەت سەھىيە ساھەسى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى داۋالاش ئىشلىرىدىلا پايدىلىنالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يىغىندا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان سىياسەتلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈنمۇ ئورتاق قەرز مېخانىزمنى قۇرۇش ئىشلىرىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق قەرز مېخانىزمى قۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.

گېرمانىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇردى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر