ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ماختىدى

ئامېرىكا  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ناتو ۋە ياۋروپا ئىشلىرى مۇئاۋىن  مەسئۇلى مايكېل ريان تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيەگە قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ماختىدى.

1395457
ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ريان  تېلېكونفېراس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ناتوغا ئەزا ئەللەردە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» مەسىلىسىدە تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ دائىرىدە ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيەگە تىببېي ماتېرىياللارنى ياردەم قىلىشىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيەمۇ تۈركىيەدىن ئىنتايىن مىننەتدار. تۈركىيەنىڭ ياۋروپادا ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيەدىن باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىپ قىلمىغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق، ئەمما ياردەم قىلغان بولسا ھەيران قالمايمەن، چۈنكى، تۈركىيە ناھايىتى سېخىي بىر دۆلەتتۇر.»

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ھەربىي زاۋۇتلاردا، كىيىم – كېچەك تىكىش سېخلىرى، ماشىنىسازلىق ۋە خىمىيە سانائىتى شىركەتلىرىدە، يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان تىببېي ياردەم ماتېرىياللىرىنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيەگە ھەربىي ئايروپىلان ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر