ۋىرۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 94 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1 مىليون 600 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 350 مىڭدىن ئاشتى.

1395466
ۋىرۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ قازا قىلىشى بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 3336 گە، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 81907 گە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانىنىڭ 77455 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قازا قىلغانلار سانى 208 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 10450 كە يەتكەن جەنۇبىي كورېيەدە، 20 – فېۋرالدىن بۇيان تۇنجى قېتىم كوۋىد – 19 يۇقۇمى بايقالغانلار سانى 30 نىڭ ئاستىغا چۈشتى.

ئىراندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 122 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 4232 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 68192 گە يەتتى؛ دوختۇرخانىلاردىكى بىمارلاردىن 3969 ىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باڭلادېشتا كوۋىد – 19 يۈزىسىدىن 21 ئادەم قازا قىلدى، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 330 غا يەتتى.

رۇسىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 94 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر كۈندە 1786 كىشى كۆپىيىپ 11917 گە يەتتى.

قازاقىستاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن ئېلان قىلغان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتتى. قازاقىستان يۇقۇم تۈپەيلى قازا قىلغانلار سانى 9 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 802 گە يەتتى.

ياۋرو-ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ يۇقۇملانغۇچىلار سانى كۆپەيمەكتە؛ ئۇكرائىنادا قازا قىلغانلار سانى 69، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2203، قىرغىزىستاندا قازا قىلغانلار سانى 5، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 298، ئۆزبېكىستاندا قازا قىلغانلار سانى 3، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 624، گىرۇزىيەدە قازا قىلغانلار سانى 3، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 230، ئەرمېنىيەدە قازا قىلغانلار سانى 11، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 937.

ئىسرائىلىيەدە  ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 92 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 10095 كە يەتتى. سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى مىڭدىن ئاشتى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن ئالجىرىيەدە 235 ، ماراكەشتە 97 ، ئىيوردانىيەدە 7 ، تۇنىستا 25 ، ئوماندا 3 ئادەم قازا قىلدى.

يەمەن ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم بىر كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ۋىرۇسنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە يۇقۇم بايقالغان ھادرەمەۋت شەھىرىدە كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى يولغا قويۇلدى. ئىران ھىمايىسىدىكى ھۇسىيلار يۇقۇم سەۋەبىدىن  قوللىرىدىكى 1670 كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

68 ئادەم قازا قىلغان، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1202 گە يەتكەن ئىراقتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئارمىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى ئارىسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، پەلەستىنگە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا دىياگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سىناق كىتلىرىنى يوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پەلەستىندە 13 نەپىرى غەززەدە بولۇپ، جەمئىي 263 يۇقۇملانغۇچىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشتە ئىشلىتىشى ئۈچۈن پەلەستىنگە 71 مىليون ياۋرو قىممىتىدە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مالايشىيا ھۆكۈمىتى يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان قىسمەن كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى 28 – ئاپرېلغىچە ئۇزارتتى. مالايشىيادا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 68 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4346 گە يەتتى.

ھىندونېزىيەدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 306 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 3512 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھازىرغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمى بايقالمىغان تاجىكىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر دوختۇرخانا كارانتىنغا ئېلىندى. دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى جاببار راسۇلوۋ ناھىيەلىك دوختۇرخانىسى تەدبىر مەقسەتلىك ئىچىدىكى 397 كىشى بىلەن 14 كۈنلۈك تاقىۋېتىلدى. دوختۇرخانا مۇدىرى دىلمۇرات راھمەتۇللايېۋ، بىر كىشى ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبىدىن قازا قىلغان دوختۇرخانىنىڭ كارانتىنغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دوختۇرخانىدا 182 بىمار، 35 بىمار تۇغقانلىرى ۋە 180 خىزمەتچى بارلىقىنى بىلدۈردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بىرمۇ كىشىدە يۇقۇم بايقالمىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ قىزىتمىسى يۇقىرى بولۇۋاتقان 7 كىشىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا يوللانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھىندىستاندا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 228 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6771 گە يەتتى.

بىرمادا 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 27 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #دۇنيا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر