خىتايدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 3336 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 94 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1 مىليون 600 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 350 مىڭدىن ئاشتى.

1395303
خىتايدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 3336 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ قازا قىلىشى بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 3336 گە، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 81907 گە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانىنىڭ 77455 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەدە  ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 92 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 10095 كە يەتتى. سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى مىڭدىن ئاشتى.

يۇقۇم سەۋەبىدىن ئالجىرىيەدە 235 ، ماراكەشتە 97 ، ئىيوردانىيەدە 7 ، تۇنىستا 25 ، ئوماندا 3 ئادەم قازا قىلدى.

يەمەندەيۇقۇمنىڭ بايقالغانلىقىغا دائىر رەسمىي ئۇچۇر يوق. ئىران ھىمايىسىدىكى ھۇسىيلار يۇقۇم سەۋەبىدىن  قوللىرىدىكى 1670 كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

68 ئادەم قازا قىلغان، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1202 گە يەتكەن ئىراقتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئارمىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى ئارىسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، پەلەستىنگە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا دىياگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سىناق كىتلىرىنى يوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پەلەستىندە 13 نەپىرى غەززەدە بولۇپ، جەمئىي 263 يۇقۇملانغۇچىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشتە ئىشلىتىشى ئۈچۈن پەلەستىنگە 71 مىليون ياۋرو قىممىتىدە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر