ئافغانىستاندا تالىبان ئەزالىرى قويۇپ بېرىلىشكە باشلىدى

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم رامكىسىدا، ئافغانىستاندىكى تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان 100 تالىبان ئەزاسى قويۇپ بېرىلدى.

1394499
ئافغانىستاندا تالىبان ئەزالىرى قويۇپ بېرىلىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك شۇراسىنىڭ باياناتچىسى جاۋىد فايسال ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم نەتىجىسىدە، 100 تالىبان مەھبۇسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مەزكۇر تالىبان مەھبۇسلىرىنىڭ، تالىبان تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە سۇنغان ئەسىر ئالماشتۇرۇش تىزىملىكىدە ئىسىملىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەھبۇسلاردىن قايتا ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە ئېلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تالىبانغا مۇزاكىرە يولىنى ئوچۇق تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قويۇپ بېرىلگەنلەر ئارىسىدا تالىبان تەرىپىدىن تەلەپ قىلىنغان 15 كىشىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك مەھبۇسنىڭ بار-يوقلۇقى ئېنىق ئەمەس.

تالىبان باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىت قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

زابىھۇللاھ مۇجاھىت قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە سۇنغان 5 مىڭ كىشىلىك تىزىملىكتە ئىسىملىرىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم رامكىسىدا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى، شۇڭا كابۇلدىكى تالىبان ھەيئىتىنىڭ قايتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر